شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى ھوپ شېفەر، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارا بىخەتەرلىك يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ نۆۋەتتە ئافغانىستاندا داۋاملىشىۋاتقان تالىبانلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئىككى ئاي ئىچىدە پۈتۈنلەي باستۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، لېكىن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي قىسىملىرى 2009- يىلىدىن كېيىنمۇ ئافغانىستاندا تۇرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي قوماندانلىرى ئۆتمۈشتە، تالىبانلارنىڭ ھەرىكىتىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باستۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن ئۆتكەن يىلى ئافغانىستاندا يۇز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 4000 دىن كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئافغانىستاندىكى جېدەلنىڭ تېخى ئۇزۇن داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىلەر يىلىنىڭ، ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر يىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما ئىتالىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئارتۇرا پارىسىنىڭ شەنبە كۈنى قىلغان سۆزلىرى ناتو ئافغانىستاندا بىر پاتقاققا پېتىپ قالدىمۇ قانداق دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلدى.
ئىتالىيە مۇداپىئە مىنىستىرى شەنبە كۈنى ميۇنخېندىكى خەلقئارا بىخەتەرلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئىتالىيە 2011- يىلىغىچە ئافغانىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرىنى چىكىندۈرمەيدۇ دەپ كۆرسەتكەن.
بۇ ئارىدا، ميۇنخېندىكى يىغىندا سۆز قىلغان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى سېناتور جان ماككيىن، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى، ئافغانىستانغا قوشۇمچە ھەربىي قىسىم ئەۋەتىش ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىدى، دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ ئافغانىستاندا مەغلۇپ بولۇش شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۆز ئېتىبارىنى يوقىتىشىغا سەۋەب بولىدۇ، دېدى. (قانات)