ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىت كەرزەي، ئافغانىستان پارلامېنىتى تەرىپىدىن، ئۆتكەن 25 يىل ئىچىدە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارغا قاتناشقان پۈتۈن كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا قوبۇل قىلىنغان، كەچۈرۈم قانۇن لايىھىسىنى، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەلىپى بىلەن پارلامېنتىغا قاتۇرۇۋەتتى.
مەزكۇر قانۇن، ھۆكۈمەتتىكى، پارلامېنتتدىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقرىلغان تالىبان رەھبەرلىرىنىڭ ھەمدە ئافغان ھۆكۈمىتى ۋە ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئافغانىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى گۇلبۇددىن ھىكمەتيار قاتارلىق كىشىلەرنىڭ كەچۈرۈمدىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن شارائىت ياراتقان ئىدى.
ئافغانىستان پارلامېنىت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ قانۇن، غەرب دۆلەتلىرى ھەمدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئەمما ئافغانسىتاندىكى سابىق مۇجاھىت رەھبەرلەرنىڭ قوللۇغۇچىلىرى ئۆتكەن ئاي كابۇلدا كەڭ كۆلەملىك بىر نامايىش ئۆتكۈزۈپ، پرېزىدېنت كەرزەيدىن كەچۈرۈم قانۇنىنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىدىن، ئۆتكەن 25 يىل ئىچىدە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا نۇرغۇن جىنايەتلەر ئىشلىگەن بولسىمۇ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نۆۋەتتە، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرىغا كىرىۋالغان كىشىلەرنى ئېنقلاپ چىقىپ ئۇلارنى جازالاشىنى تەلەپ قىلماقتا.
لېكىن، رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستان پارلامېنىتى ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى، سابىق كوممۇنىست رەھبەرلەر، سوۋىت ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۇرۇشقان بۇرۇنقى مۇجاھىتلار ۋە سابىق تالىبان رەھبەرلىرىدىن تەشكىل تاپقانلىقى ئۈچۈن پارلامېنتىدا ئۇلارنى جازالاش توغرىسىدا قانۇن ماقۇللىتىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. (قانات)