تالىبانلار ئافغانىستاندا چەتئەللىك ۋە ئافغانىستانلىقلاردىن بولۇپ 5 كىشىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان


2007-04-05
Share

ئافغانىستاندىكى بىر ئۆلكە باشلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبان مىلىتانلىرى ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش پروگراممىسىنى ئىشلەۋاتقان ئىككى نەپەر فرانسىيىلىكنى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقان 3 ئافغانىستانلىقنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بەرگەن خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، گۆرۈگە ئېلىنغان بۇ كىشىلەر ئافغانىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر ئۆلكىدە يوقاپ كەتكەن. ئۆلكە باشلىقى، 200 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، گۆرۈگە ئېلىنغان خادىملارنى دەرھال قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان.

تالىبان مىلىتانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار گۆرۈگە ئېلىنغۇچىلارنى فەررا ئۆلكىسىدە گۆرۈگە ئالغان، بىرى ئەر، يەنە بىرى ئايال بولغان بۇ ئىككى فرانسىيىلىك، فرانسىيىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بولۇپ، مەزكۈر تەشكىلات مەخسۇس بالىلار مائارىپىغا دائىر خىزمەتلەرنى ئىشلەيدىكەن.

ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن مەزكۇر گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسى، ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغاش بىلەن بىرلىكتە، ئافغان ھۆكۈمىتىنى قاتتىق جىددىيلىككە سالغان.

بۇندىن سىرت، تالىبان قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلىرى، چارشەنبە كۈنى قەنداھار ئۆلكىسىدە يول ئۈستىگە بومبا كۆمۈپ پارتىلىتىش ئېلىپ بارغان، پارتلاشتا بىر ساقچى ئۆلگەن ۋە 7 كىشى يارىلانغان.

ئافغانىستاندا تالىبان مىلىتانلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىپ، ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىگە كاشىلا پەيدا قىلماقتا. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت