ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىد كارزاي ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى غەزنە ئۆلكىسىدىكى بىر مەكتەپتە نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا تالىبانلار ئاتقان 12 پاي رېئاكتىپ توپ ئوقىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەلىيىگە يارىشا بۇ توپ ئوقلىرى خامىد كارزاي نۇتۇق سۆزلەۋاتقان بىنادىن بىر قانچە يۈز مېتىر يىراقلىققا چۈشكەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كارزاي بۇ ھۇجۇمدىن ھودۇقۇپ كەتمەي، ھەممەيلەننى تەرتىپنى ساقلاشقا چاقىرغان ھەمدە ئۆز نۇقتىنى توختىتىپ قويماي ،ئۇنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغان. ئۇ، بىنادىن چىققىچە بولغان ئارىلىقتا تىك ئۇچۇر ئايروپىلانلار ۋە ئۇنىڭ قوغدىغۇچىلىرى قوغداش تەدبىرلىرى قوللانغان.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا بۇ خامىد كارزاينىڭ ھاياتىغا قىلىنغان ئۈچىنچى قېتىملىق قەستلەش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدا تالىبان قالدۇقلىرىنىڭ يەنىلا ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى قوشۇنلىرى ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ تالىبان قالدۇقلىرىنى داۋاملىق تازىلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. (ئۈمىدۋار)