ئافغانىستاندا 45 پۇقرا ھاۋا ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن ئۆلدى
2007.07.01
جۈمە كۈنى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھېلموند ئۆلكىسىدە ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى كۈچلىرىنىڭ تالىبانلارغا قاراتقان بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە كۆپلىگەن تالىبان جەڭچىسى ۋە تىنچ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئاز دېگەندە 65 نەپەر تالىبان جەڭچىسى ۋە 45 نەپەر تىنچ پۇقرا بومباردىماندا ئۆلتۈرۈلگەن.
لېكىن، زادى قانچىلىك پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق يەكۈن يوق. يۇقىرىدا ئېيتىلغان سان ئافغانىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولسىمۇ، بىراق رەت قىلىنىشقا ئۇچرىماقتا. تالىبان جەڭچىلىرى جەڭ داۋامىدا مەھەللىلەرگە يوشۇرۇنۇۋالغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال پۇقرالارنىڭ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان.
پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئىيۇننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئافغانىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئۇزۇندىن بۇيان ئافغانىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى تاھىر يولداشنىڭ يېقىن قوماندانلىرىدىن قارى ئابۇل قادىر بىلەن قارى ھېكمەتۇللانى قولغا چۈشۈرگەن.
نۆۋەتتە، ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرى، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە باشقا چەت مەملىكەتلەردىن كەلگەن، ئۆزلىرىنى ئىسلامىي گۇرۇپپىلار دەپ ئاتاۋاتقان قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكۈچلەر ناتو ، ئامېرىكا ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئافغان پرېزىدېنتى ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى تەنقىد قىلدى
- ئىراق ۋە ئافغانىستانلاردا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا
- ئافغانىستاندا قىز ئوقۇغۇچىلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
- خامىد كارزاي ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
- ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى روبرت گېتس، خىتاينىڭ كۈنسىرى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرشىدىن قايغۇرغانلىقىنى بايان قىلدى
- ئەنگىلىيە ئارمىيە رەھبەرلىرى ئەنگلىيىنىڭ ئىراقتىكى ئەنگىلىيە ھەربىي قىسىملىرىنى چىكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىماقچى
- لىۋاندا توقۇنۇش يۈز بەردى
- پاكىستاندىكى قەبىلە رەئىسى ئوسما بىن لادىن ۋە موللا ئۆمەرگە پاناھلىق بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
- ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 12 كىشى ئۆلدى