ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىكى، ئافغانىستانغا 3200 نەپەر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2008.01.16
سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىكى، ئافغانىستانغا 3200 نەپەر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەرىكەت، بىر تەرەپتىن تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلىرىنى كۈنسېرى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۈرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا دىققەت مەركىزىنى قايتىدىن جەنۇبىي ئاسىيا رايونىغا قاراتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.
ئافغانىستانغا يەنە 3200 نەپەر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرىنىڭ ئەۋەتىلىشى بىلەن، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سانى 30000 كىشىگە يىتىدىكەن. گەرچە، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سانى، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتكى ھەربىي قىسىملىرىغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئافغانىستانغا قوشۇمچە ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى، ئافغانىستاندا مەۋجۇت ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي كۈچلىرىنىڭ، تالىبان قالدۇقلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرالمىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ھېسابلىنىدىكەن.
ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرى، دەسلەپتە ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدا باشلاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى نۆۋەتتە ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل شەھىرىگە كېڭەيتكەن بولۇپ، چارشەنبە كۈنى يەنى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنسىتىرلىقى ئافغانىستانغا يەنە 3200 ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ بىر كۈندىن كېيىن، كابۇل شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ مېھمانخانىلارنىڭ بىرى ھېسابلانغان ۋە ئاساسەن چەتئەللىكلەر تۇرىدىغان، سەرىنا مېھمانخانىسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋىلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا، 8 كىشى ئۆلگەن.
سىياسىي ئانالىزچى جېسون موتلاك ۋە جىم لوبنىڭ ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئافغانىستانغا ئەۋەتىلىدىغان 3200 نەپەر قوشۇمچە ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ تالىبانلار ھەرىكىتىنىڭ باستۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلماقتا. شۇنداقلا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئافغانىستانغا تېخىمۇ كۆپ ھەربىي قىسىم ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
لېكىن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ھەرىكىتىگە قارشى قانداق بىر ھەربىي ئىستراتېگىيە ئىشلىتىش توغرىسىدا، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئىختىلاپ چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بەزى قىسىملىرىنى پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشنى بىلمەيدۇ دەپ ئەيىبلىشى ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەيىبلىشىنى رەت قىلىشى بىلەن ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرى، روبەرت گېتس ئامېرىكىدا چىقىدىغان لوس ئانجىلىس ۋاقتى گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بەزى قىسىملىرى ۋە ھەربىي مەسلىھەتچىلىرى ھەربىي جەھەتتىن تالىبانلارغا قارشى تۇرۇش قابىلىيەت ۋەئىقتىدارىغا ئىگە بولماسلىقى مۇمكىن دەپ، كۆرسەتكەن.
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى گېنېرال شېفەر، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا قاراتقان تەنقىدلىرىنى رەت قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى 2002- يىلىدىن بېرى بولۇپمۇ، ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ مەسئۇللۇقىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن بېرى تېخىمۇ كۈچەيگەن.
تالىبانلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىدە، يەرلىك خەلقلەرنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىغا بولغان نارازىلىقى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر جەريانىدا، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلگەنلىكى، خەلقنى غەزەپلەندۈرگەن . تالىبانلار بولسا، خەلقنىڭ بۇ غەزىپىدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلانغان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئادېمىرالى كىتىڭ ئامېرىكا پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئەركىن ئۆتىۋىرىدۇ، دەپ جاكارلىدى
- ئامېرىكا ۋە ھىندىستاننىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقى توغرىسىدا
- ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ باش قوماندانى خىتايدا زىيارەتتە بولدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي ھەققىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرگە تەييارلانماقتا
- ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاندا 80 نەپەر تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرىنى ئۆلتۈردى
- " تالىبانلار خىتاينىڭ قوراللىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ"
- تالىبانلار تەرىپىدىن گۆرۆگە ئېلىنغان ئىككى گېرمان پۇقراسىى ئۆلتۈرۈلدى









