ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرى ئافغانىستان مىللىي ئارمىيىسى ئۈچۈن بازا قۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى


2004.12.22

ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۆت يېڭى ھەربىي بازا قۇرۇشقا باشلىغانلىقى، ئامېرىكا ستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئوتتورا ئاسىيادا ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ، دىگەن خەۋەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولغان ئىدى .

ئامېرىكىنىڭ ئافغانستاندىكى باش ئەلچىسى زەلمەي خەلىلزادنىڭ سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن . ئۇ باياناتىدا، چەتئەل ھەربىي قىسىملىرى ياۋرۇپا ۋە شەرقى ئاسىيادا ئۇزۇن مۇددەتتىن بىرى تۇرىۋاتقاندەك، ئافغانىستاندىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك قىلىشى مۇمكىن، دىگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئارمىيە باياناتچىسى مارك ماككەن چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۆت يېڭى ھەربىي بازا قۇرىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، لېكىن بۇ بازىلارنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۈچۈن ئەمەس، ئافغانىستان مىللىي ئارمىيىسى ئۈچۈن ياسىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى .

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بازىلارنىڭ بىرى ئىران چېگرىسىغا يېقىن يەرگە جايلاشقان ھىرات شەھىرىدە ، ئىككىنچىسى قەندەھار شەھىرىدە، ئۈچىنچىسى ئافغانىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبى رايونىغا جايلاشقان گەردىز شەھىرىدە ۋە تۆتىنچىسى ئافغانىستاننىڭ شىمالىي رايونىغا جايلاشقان ۋە بۇ دۆلەتنى ئوتتورا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە باغلايدىغان چوڭ يول ئۈستىدىكى مازار شەرىپ شەھىرىدە قۇرۇلىدىكەن . (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.