ئافغانىستان پرېزىدېنتى خەمىد كارزاي بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىنگ بىرلىكتە، بۇ رايوندىكى تېررورچىلىققا ئورتاق زەربە بېرىش ھەمكارلىقىنى ئورناتتى.
ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا بۇ ئورتاقلىققا كەلگەن بولۇپ، ھىندىستان باش مىنىستىرى سىنگنىڭ بۇ زىيارىتى، ھىندىستان رەھبىرىنىڭ 29 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئافغانسىتاننى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يىغىندا كارزاي بىلەن سىنگ بىرلىكتە، ھىندىستان ماللىرىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىش ئۈچۈن، پاكىستان دائىرىلىرىنى ئۆز تەۋەلىكىدىن ئۆتىدىغان سودا يوللىرىنى ئېچىۋېتىشكە چاقىردى.
شۇنداقلا ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىنگ ئافغانىستانغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن يەنە 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بېرىدىغانلىقىنى ۋەقە قىلدى. 2001 - يىلىدىن بۇيان ھىندىستان ئافغانىستانغا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلىپ بولدى.
ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى 1979 - يىلى ھىندىستاننىڭ رۇسىيە ئېلىپ بارغان ئافغانىستاننى بېسىۋېلىش ھەرىكىتىنى قوللىشى بىلەن بۇزۇلغان ئىدى. (پەرىدە)