پاكىستان - ئافغانىستان چېگرا ئېغىزىدا توقۇنۇش كۆپەيمەكتە

پاكىستان دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى ئافغانىستان-پاكىستان چېگرا رايونىدىكى قەبىلىلەرنى، مەزكۇر رايوندا يۈز بەرگەن قاتتىق توقۇنۇشلاردا ئۆلگەن مىلىتانلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاشقا ياردەم قىلىشقا چاقىردى. پاكىستان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشلاردا 40 ئارتۇق كىشى ئۆلگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگتېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ئارمىيىسى ھازىرغىچە توقۇنۇشتا ئۆلگەن سەككىز مىلىتاننىڭ جەسىتىنى رايون خەلقىغە كۆرسەتكەن.

توقۇنۇشلار چارشەنبە كۈنى مىلىتانلارنىڭ ئافغانىستان چېگرىسى يېقىنىدىكى شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدىكى بىر ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن باشلانغان.

چارشەنبە كۈنى پاكىستان ئارمىيىسى توقۇنۇشلاردا 16 مىلىتان ۋە 4 پاكىستان ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما بۈگۈن پاكىستان قەبىلىلەر رايونى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى توقۇنۇشلاردا 40 ئەتراپىدا مىلىتاننىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى، رايوندا پاكىستان قوراللىق قىسىملىرى بىلەن تالىبان قالدۇقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رايوندىكى قوللىغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار كۆپەيمەكتە. (ئەقىدە)