ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئۈچ ھەپتە بۇرۇن، پاھىشىلىك قىلغان ۋە ھاراق ساتقان دەپ ئەيىبلەپ، كابولدا قولغا ئېلىنغان 47 نەپەرخىتاي ئايالنىڭ خىتايغا قايتۇرۇۋىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۈگۈن بەرگەن خەۋىرىدە، ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھوقۇق مەسلىھەتچىسى ئابدۇل جاپپار سابىتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 47 نەپەر خىتاي ئايالنىڭ 23 - فىۋرال كۈنى خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئابدۇل جاپپار سابىت سۆزىدە يەنە، بۇ خىتاي ئاياللار ئىشلىگەن 22 مېھمانخانا، رىستوراننىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتقان.
2001- يىلى ئافغانىستاندا تالىبان ھاكىمىيىتى گۇمران بولغاندىن كېيىن، ئافغانىستاننىڭ پايتەخىتى كابۇل شەھىرى ۋە ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان، كافېيخانا، رىستوران ۋە مېھمانخانىلار ئېچىلغان، كابۇل شەھىرىنىڭ بولۇپمۇ بايلار ۋە چەتئەللىكلەر تۇرىدىغان رايونلىرىدا ئېچىلغان رىستورانلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي ئاشخانىلىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇ رىستورانلاردا ئىشلەشنى باھانە قىلىپ ئافغانىستانغا كەلگەن خىتاي ئاياللىرى پاھىشىلىك قىلىشقا باشلىغان ۋە رىستورانلاردا ھاراق سېتىش قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
ئابدۇل جاپپارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رىستورانلارنىڭ كۆپىنچىسى پاھىشىخانىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ۋەزىيەت دىنىي ھېسىياتى ناھايىتى كۈچلۈك ئافغان خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. ئۇلار ھۆكۈمەتتىن مەسىلىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى، بۇ رىستوران ۋە مېھمانخانىلارنى دەرھال تاقاشىنى تەلەپ قىلغان.
ئافغانىستان ئاساسىي قانۇنىدا پاھىشەۋازلىق ۋە ھاراق سېتىش قەتئىي چەكلەنگەن. لېكىن كابۇلدىكى بەزى دوكانلارنىڭ چەتئەللىكلەرگە ھاراق سېتىشىغا رۇخسەت قىلىنغان ئىكەن. (ئەقىدە)
