خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئافرىقا زىيارىتى ئېنېرگىيە ئىستەشنى مەقسەت قىلىدۇ


2006.01.11

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ چارشەنبە كۈنى ئافرىقىدىكى 6 دۆلەت زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئېنېرگىيە مەنبەسى مول بۇ قىتئەدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بولدى.

لى جاۋشىڭ بۇ بىر ھەپتىلىك سەپىرىدە ئافرىقىدىكى ئىككى چوڭ نېفىت دۆلىتى بولغان نىگېرىيە بىلەن لىۋىيەنى ھەمدە لىبىرىيە، مالى، سېنېگال ۋە يېشىل تۇمشۇق جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلىدۇ.

خىتاينىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۇنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ياغاچ ماتېرىياللىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى زور ئاشۇردى. شۇ سەۋەبتىن ئافرىقا ھازىر خىتاينىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلانماقتا. شۇنداقلا ئۆتكەن ھەپتە خىتاي دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى 2 مىليارد 300 مىليون دوللار بىلەن نىگېرىيىنىڭ 45% نېفىت قىدىرىش ھوقۇقىنى سېتىۋالدى.

خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە سېلىۋاتقان مەبلىغى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان بولۇپ، يوقارقى دۆلەتلەردىن باشقا يەنە، سۇدان، ئالجىرىيە ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ئالاقىسىمۇ بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.