كوندالىزا رايىس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇدانغا دارۇر مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى


2007.02.17

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس دۇنيا دۆلەتلىرىدىن بولۇپمۇ خىتايدىن دارفۇر رايونىدىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش ئۈچۈن سۇدان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈرت يىلىدىن بېرى سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.

ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى دارفۇر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن سۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇدان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى ھەمدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى، دارفۇر رايونىدىكى قىرغىنچىلىققا قارىماي، سۇدان بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بولۇپمۇ بۇ دۆلەتتىن نېفىت ئىمپورت قىلىش ئارقىلىق سۇدان ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ يېقىندا سۇدانغا قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا سۇدانغا خەلقئارا تىنچلىقنى قوغداش قىسىملىرى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى سۆزلىرى، خىتاينىڭ دارفۇر مەسىلىسىدە سىياسىتىنىڭ ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ بىر بىشارىتى ھېسابلىنىدۇ، دېگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.