كوندىلىزا رايىس خەلقئارا جەمئىيەتلەرنى دارفۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا چاقىردى


2007.02.18

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇدان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، دارفۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان خەتەرنى ھەل قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى شەنبە كۈنى، كوندىلىزا رايىسنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ " : ئامېرىكىنىڭ سۇدان مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى بېيجىڭدە زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا، دارفۇردا يۈز بېرىۋاتقان خەتەرلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسدە بىر قەدەر تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى " دېدى.

كوندىلىزا رايىس يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ سۇداننى قوغداشنى خالايدىغان دۆلەتلەرنىڭ دارفۇردىكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياردەملەردە بولىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، رايىسنىڭ تەكىتلەۋاتقىنى خىتاي بولۇپ، بىر قىسىم ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى خىتاينىڭ، سۇداننىڭ نېفىتىگە ئېرىشىپ تۇرۇپ، دارفۇردا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىقلارغا كۆز يۇمۇپ كەلگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىپلىمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دارفۇردا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلاردا 4 يىلدىن بۇيان 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.