گانا ئافرىقا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇردى


2007.06.22

گانا تاشقى سودا مىنىستىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى خىتايدا تاۋار ئېكسپورت بازىرى ئىزدەشكە، لېكىن بېيجىڭنىڭ خىتاي ئافرىقىدىن پەقەت خام ئەشيا ماتېرىياللىرىنىلا سېتىۋالىدىغان " مۇستەملىكە" دۆلەتلىك مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى. خىتاي ئۆزىنىڭ خام ئەشياغا بولغان ئېھتىياجىنى قامداش مەقسىتىدە ئافرىقا ئەللىرىگە مەبلەغ سېلىش ۋە خىتاي ماللىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشنى كۈچەيتمەكتە ئىدى.

گانا سودا مىنىستىرى ئالان كيېرېماتېن ئالدىنقى كۈنى مۇخبىرلارغا " بىز خىتاينىڭ پىلانلىق ياكى پىلانسىز ھالدا ئافرىقا تەبىئىي بايلىقىنى خىتاي سانائىتىنى بېقىش مەقسىتىدە سۈمۈرۈشىدىن ھەزەر ئەيلىشىمىز كېرەك" دەيدۇ.

ئالان كيېرېماتېن، خىتايلارنىڭ ئافرىقا بازىرىنى پۇرسەت دەپ بىلىۋاتقانلىقىنى، ئافرىقىنىڭمۇ خىتاي بازىرىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ ئۇنىڭ ساتىدىغان تاۋارى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، " ئەگەر بىز ئاسىيانىڭ مۇستەملىكە دۆلىتىگە ئايلىنىش ئارقىلىق بۇ پايدىغا ئېرىشمەكچى بولساق، بۇ بىزگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ ئافرىقا خام ئەشيالىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تۆلەۋاتقان بەدىلى باشقىلارنى قورقۇتماقتا " دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئافرىقىدىكى ئۇرۇش قىلىۋاتقان گۇرۇھلارغا قورال ‏- ياراقلار سېتىش، پۇل ياردەم قىلسا ئىنسانپەرۋەرلىك شەرتى بەلگىلىمەسلىك شۇنداقلا ئافرىقا ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش ئەمەس، خام ئەشيا ئاچىدىغان ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. گانا بۇرۇن ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، ئۇ يېقىندىلا تېخى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.