ئامېرىكا خىتاينى سۇدانغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس دۈشەنبە كۈنى خىتايدىن تەسىر كۈچىنى ئىشلىتىپ، سۇداننىڭ دارفۇر رايونىغا ب د ت قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە خارتۇم ھۆكۈمىتىگە بېسىش ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان.

رايىس بۇ سۆزلەرنى ب د ت ئومۇمى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا تەكىتلىگەن بولۇپ، دارفۇر مەسىلىسى ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەپتىلىك يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم تېما.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى سېن مېككورماكنىڭ ئەسكەرتىشىچە،"رايىس خىتايدىن بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ خەلقئارا قىسىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە سۇداننى قايىل قىلىشقا ئۈندىگەن." لى جاۋشىڭ، بۇ ھەپتە سۇدان پرېزىدېنتى ئۆمەر ھاسان ئەل - بەشىر بىلەن نيۇ - يوركتا كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماقچىكەن. مېككورماك،"لى جاۋشىڭ سۇداننىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىنى ئىجرا قىلىشقا قايىل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى،" دەيدۇ.

خىتاي سۇداننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خېرىدارى بولۇپلا قالماي، سۇداننى قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم دۆلەت. ئۇ، 8- ئايدا رۇسىيە ۋە قاتار بىلەن بىرگە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دارفۇرغا خەلقئارا قىسىملارنى مەجبۇرى ئورۇنلاشتۇرۇش قارارىنى رەت قىلغان. دارفۇردىكى ئافرىقا ئىتتىپاقى قىسىملىرىنىڭ ۋاقتى 30 - سېنتەبىردە توشىدۇ. غەرب ۋە بەزى ئافرىقا رەھبەرلىرى سۇداننىڭ دارفۇرغا ب د ت قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ماقۇل بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. (ئەركىن)