مۇتەخەسسىسلەر: چىڭخەيدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىش مۇمكىنچىلىكى زور


2005.07.07

مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا چېگرىداش چىڭخەي كۆلىدە بايقالغان قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئەتراپتىكى رايونلارغا شۇنداقلا پاكىستان، ھىندىستان ۋە ياۋروپاغا قەدەر تارقىلىش مۇمكىنچىلىكى زور، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر چىڭخەيدە بايقالغان كۆچمەن قۇشلاردىكى زۇكام ۋىرۇسىنىڭ جەنۇبىي جوڭگودىكى ئۆي ھايۋانلىرىدىن يۇققانلىقىنى بايقىغان. خوڭكوڭ تىببىي ئىنىستىتۇتى بىلەن شەنتۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تەييارلىغان تەتقىقات دوكلاتىدا، چىڭخەي كۆلىدىكى ياۋايى قۇشلاردا بايقالغان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تىپى، ۋېيتناملىقلاردا بايقالغان قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تىپى بىلەن پەرقلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ چۆچەك ۋە سانجىلاردا بايقالغان ۋىرۇس بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

چىڭخەي كۆلى تەبىئىي قوغداش رايونىدا H5N1 تىپلىق زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى مەزكۇر زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەن سۇ قۇشلار كۆپ ئۇچرايدىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ رايوندا ھازىرغا قەدەر 6000 مىڭ ياۋايى قۇش مەزكۇر زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەن.

مۇتەخەسسىسلەر، ئەھۋالنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا كۆچمەن قۇشلارنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسىنى باشقا جايلارغا تارقىتىش مۈمكىنچىلىكى بارلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياۋايى قۇشلار باشقا جايلارغا كۆچسە، شۇ جايلاردىكى باقمىچىلىق مەيدانلىرىنى ئاپەتكە دۇچار قىلىدىكەن. خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتى "تەبىئەت" ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.