خىتاي، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى ئىسلامىي كۈچلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى بىلەن ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكىنىڭ بېجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىسلام رادىكالچىلىرىنىڭ كېلەر ھەپتىنىڭ ئىچىدە، خىتاينىڭ 4 ۋە 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەلچىخانىدىن ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ھۇشيارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئاگاھلاندۇرىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەرنى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئۆزلىرىنىڭ تور بېتىگە ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ھەتتا ئەلچىخانىغا كاپالەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ تېررورلۇق تەھدىت ئۈستىدىن تەل-تۆكۈس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما بۇ خەۋەر خىتاينىڭ ھېچقايسى مەتبۇئات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنمىغان. خىتاينىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇشنىڭ خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىدىن 10 كۈن بۇرۇن چىقىرىلغان. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئىسلامىي كۈچلەرنىڭ زادى كىملىكى ۋە بۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ياكى چەتئەلدىكى كۈچ ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن. (پەرىدە)