رۇسىيە، كافكازىيىدىكى دۆلەتلەرنى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

رۇسىيە ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى كافكازىيە رايونىدىكى سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنى، ئامېرىكا بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى مەسىلىسىدە ھەمكارلاشماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مىخائىل كامىنىن، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەتتا ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى ئۆز تۇپرىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىشمۇ، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ، دېگەن.

رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكازىيە رايوندىكى سابىق سوۋىت جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن رىقابەتلەشمەكتە.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، رادار ئىستانسىلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسايدىغان راكىتىلاردىن تەشكىل تاپقان، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى قۇرۇش، تېررورچىلار ۋە تېررورچىلارغا ياردەم بېرىۋاتقان دۆلەتلەر تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان راكىتالارنى توساشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەيدۇ. لېكىن، رۇسىيە بۇ مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنىڭ كافكازىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا قارشى چىقماقتا.

ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىدارىسى، بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، ياۋرۇپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش پرو گراممىسى بويىچە، كافكازىيىدىكى بىر دۆلەتكىمۇ بۇ مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئۆزىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىر تەھدىت دەپ قارىغان رۇسىيە، بۇ سىستېمىغا مەۋجۇت قوراللار ۋە كەلگۈسىدە ياساپ چىقىدىغان قوراللار بىلەن قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)