كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىگە زىيان سالماسلىققا چاقىردى
2005.06.15
ئامېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئەيدىز مەسىلىسىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىگە زىيان سالماسلىققا چاقىردى.
مەزكۇر تەشكىلاتتىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى سارا دېيۋىس باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل كېسەللەرگە ئائىت ئاممىۋىي ئۇچۇرلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن توسۇشىنىڭ، بۇ كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئېغىز زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتايدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە بىۋاستە تەجرىبىسىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ بىۋاستە كونتروللۇقىدىن چەتنەپ پائالىيەت قىلغان ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ بولسا داۋاملىق خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ھەتتا تۈرمىلەرگە تاشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 57 بەتلىك مەزكۇر دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتىنى چەكلىمەسلىككە چاقىردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى سەزگۈر تور بەتلەرنى توسىماقتا
- ب د ت بالىلار فوندى خىتاينى ئەيدىز مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، تۇنجى قېتىم خىتايدا سۆز قىلىش ئىمتىيازىغا ئېرىشتى
- ھەر قايسى دۆلەتلەر "دۇنيا ئەيدىز كۈنى" نى خاتىرىلىدى
- خەلقئارا ئەيدىز تەشكىلاتى، ئاياللارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا جىددى قارىماقتا