ب د ت : ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش سۈرئىتى ئاستىلىدى


2006.05.30

ب د ت نىڭ ئەيدىز پروگراممىسى سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، يەر شارى بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىغانلىقىنى جاكارلىدى. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ئەيدىز كېسەللىرىنى ستاتىستىكا قىلىش خىزمىتىدە ئىلگىرىلەش بولغان.

لېكىن ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەرباپلار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئەيدىز كېسىلى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا ئېغىر ۋە كىشىنى چۈچۈتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. دوكلاتتا، يەر شارى بويىچە ئەيدىز كېسەللەرنىڭ سانى25 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم مۇقىملاشقانلىقىنى تىلغا ئالدى. دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بۇنىڭ سەۋەبى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ كۆپەيگەنلىكى، ئەيدىز دورىسى بىلەن تەمىنلەشكە ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى بۇلۇشى مۇمكىن. لېكىن دوكلاتتا ئەيدىز كېسىلى يەنىلا ئىنسانىيەتكە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

دوكلات خىتاينىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتى ھەققىدە توختۇلۇپ، جۇڭگودا تۇنجى ئەيدىز كېسىلى بايقالغاندىن تارتىپ تاكى 2005 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 650 مىڭ، دەپ ئېلان قىلىندى. ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەر 3100 گە يەتتى، دەپ يازغان. ب د ت ئەيدىز ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى پېتىر گېسنىڭ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئەسكەرتىشىچە، " جۇڭگونىڭ ئەيدىزنى ستاتىستىكا قىلىش ۋە ئانالىز قىلىش خىزمىتىدە ئىلگىرىلەش بولغان. دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئەيدىزگە قارشى مۇداپىئە كۆرۈش پىلانىدىن زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل ئارقىلىق ئىستىمال قىلىدىغان بەڭگىلەرنىڭ 45 % ئى، پاھىشىلەرنىڭ 25 % ئى مەنپەئەتلىنىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەرلەر ئەرباپلار، ۋەزىيەتنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجىدا ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. خىتاي سەھىيە دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ باشلىرى ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجىدا 6000 كىشى ئۈستىدىن نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان 6000 كىشىنىڭ ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلار 4000 دىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ 85 % تىن كۆپىرەكىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.