بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىبى كوفى ئاننان، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، بۇ دۆلەتلەردىن كۈندىن - كۈنگە ئەۋج ئېلىۋاتقان ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىپ ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كوفى ئاننان نيۇ-يورك شەھىرىدە چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان "ئەيدىز كېسىلى" ناملىق قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭ – پۇشقاقلىرى، بولۇپمۇ پاھىشىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ۋە ئوخشاش جىنىسلىق مۇناسىۋىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كۆپ جايلاشقان يەرلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا 2001 - يىلىدىن ئېتىبارەن "ئەيدىزنى ئەڭ ئاسان يۇقتۇرۋالىدىغان كىشىلەر توپى" غا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ كىرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، بۇ كىشىلەرنى ئۆزلىرىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بايقالسا دەرھال مەلۇم قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى تەشەببۈس قىلغان ئىدى.
ئەمما ، ئىسلام دۆلەتلىئىرنىڭ قارىشىچە، " ئەيدىزنى ئەڭ ئاسان يۇقتۇرۋالىدىغان كىشىلەر توپى" دىن ئۆزلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىش ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قوبۇل قىلغانلىق ھېسابلىنىدىكەن.
كوفى ئاننان، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئاشكارىلاپ سۆزگە چىققان جەنۇبىي ئافرىقىلىق ماۋاسا خانىمنى تۇنجى قېتىم دادىللىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ئەيدىز بىمارى دەپ تەقدىرلىدى.
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك ئەيدىز كېسىلى ، نۆۋەتتە تېز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتقان ساقىيىش نىسبىتى يوق دىيەرلىك بىر خىل قورقۇنچلىق كېسەل بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. (ئەقىدە)