خىتايدىكى داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى ۋەن يەنخەي يوقاپ كەتتى
2006.11.26
بېيجىڭدىكى مەلۇم ئەيدىزگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتنىڭ ئاشكارلىشىچە، خىتايدىكى ئاكتىپ ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ۋەن يەنخەي جۈمە كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن بىر كۈن سوراققا تارتىلغاندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن.
بېيجىڭدىكى ئەيدىز ئۇچۇر مەركىزى شەنبە كۈنىگىچە ۋەننىڭ خەۋىرىنى ئالالمىغانلىقتىن ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە مەلۇمات بەرگەن. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ۋەن يەنخەي يوقاپ كېتىشتىن ئىلگىرى، ئەيدىز تەتقىقات مەركىزىدىكى خىزمەتداشلىرىغا ھەمدە ئەيدىز ئۇچۇر مەركىزىگە -26 نويابىر يەكشەنبە ئۆتكۈزمەكچى بولغان يىغىننى بىكار قىلىشنى ئېيتقان.
ئەيدىز پائالىيەتچىسى ۋەن يەنخەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىزنى كونتورل قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقاچقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا ئۇچراپ كەلگەن. ۋەن يەنخەينىڭ يوقاپ كېتىشى، 1 - دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى ھارپىسىدا يۈز بەردى.
خىتايدا ئەيدىز مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىشىغا ئەگىشىپ ئەيدىزگە قارشى ئاممىۋى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلار كۆپەيمەكتە شۇنداقلا ئۇلار داۋاملىق ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق توسقۇنلىقىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.
ئۆتكەن ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قار لەيلىسى نامىدىكى بىر ئەيدىز تەشكىلاتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقالغان ئىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلىنىڭ قەيەردىلىكى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز ھەققىدە يېڭى مەلۇمات ئېلان قىلدى
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى باشلاندى
- نيو-يوركتا "ئەيدىز كېسىلى" دېگەن تېمىدا قۇرۇلتاي ئېچىلدى
- ب د ت : ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش سۈرئىتى ئاستىلىدى
- دۇنيا دۆلەتلىرى دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى خاتىرىلىدى