خىتاي ۋە خوڭكوڭلۇق مۇتەخەسسىسلەر، ھازىر خىتاي ، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭدا ئەۋج ئېلىۋاتقان ئۈچ خىل تىپلىق ئەيدىز ۋىرۇسىىنىڭ ئۈچ خىل تىپىغا قارشى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ئۈستىدە ئىزلىنىشكە باشلىدى.
رويتېرستا كۆرسىتىشىچە، خوڭكوڭ ئەيدىز تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دىرېكتورى چېن جىۋېي، ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ خىتايدا ھالەت ئۆزگىرىشى ۋە جۇغراپىيىلىك تارقىلىش ئەھۋالى ئۈستىدىن گېننىڭ ئۆزگىرىشى بۇيىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتايدا ھازىر ئەيدىز كېسىلى زەھەر چەككۈچىلەر ئوكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش ۋە قالايمىقان جىنسى مۇناسۋەت قىلىش ئارقىلىق ئەڭ كۆپ تارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلار ئاساسەن ئۇيغۇر ئىلى، گۇاڭدۇڭ ، يۈننەن ۋە گۇاڭشىلارغا تارالغان ئىكەن.
چېن ئىلگىرى ئامېرىكىلىق داڭلىق ئەيدىزشۇناس ئالىم داۋىد خۇ بىلەن بىرگە ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئامېرىكا ۋە خىتاي ئالىملىرى بىرلىكتە خىتايدا ھازىر زەھەر چېكىش ئارقىلىق يۇقىدىغان ئەيدىزنىڭ ئىككى خىل ۋارىيانتىغا قارشى بىر خىل ۋاكسىنا ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ۋاكسىنىنى كېلەر يىلى ھايۋاناتلار ئۈستىدە سىناق قىلىدىكەن.
چېن يەنە، خىتايدا يەنە جىنىسي مۇناسۋەت يولى بىلەن كەڭ تارىلىۋاتقان ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۈچىنچى ۋارىيانتىغا نىسبەتەن بۇ خىل ۋاكسىنىنىڭ تەسىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا، ۋاكسىنىدىن كۆرە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2006- يىلدا خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى قالايمىقان جىنسىي مۇناسۋەت قىلىش يولى بىلەن ئەڭ كوپ تارالغان بولۇپ، ھازىر بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغىچە، ھەتتا ئانىدىن بالىغا يۇقۇش دەرىجىسىگە يەتكەن.
خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2005- يىلى 9- ئايدىن 2006- يىلى 9- ئايغىچە يېڭىدىن 6000 ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ كۈنىگە 17 ئادەمدىن توغرا كەلگەن.
