خىتاي ئالاتاۋ ئېغىزىدا تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرىنىڭ چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بازىسى قۇرماقتا

خىتاي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ چىرىپ كېتىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش بازىسىنى ئۆتكەن ئايدا ئالاتاۋ ئېغىزىدا قۇرۇشنى قارار قىلىپ، ئىش باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر قۇرۇلۇش خىتاي دۆلەتلىك تەبىئىي گاز ۋە نېفىت شىركىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشقا 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ زاۋۇت خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن ئۇزۇن مەزگىللىك تەبىئىي گاز كىرگۈزۈش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرىنىڭ چىرىپ كەتمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق نورمال توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان.

خىتاي بىلەن قازاقىستان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، قازاقىستان تەبىئىي گازلىرىنى خىتايغا كىرگۈزۈش كېلىشىمى تۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەنمۇ تەبىئىي گاز كېلىشىمى ھاسىل قىلغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)