ئادۋوكاتلار ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىكى بەزى مەھبۇسلارنى ئالبانىيىگە ئەۋەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى


2007.06.09

گۆۋەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان بىر گۇرۇپ ئادۋوكات، جۈمە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامودىكى بەزى مەھبۇسلارنى ئالبانىيىگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشنىڭ ئالبانىيىنى زىيارەت قىلىشىنىڭ ھارپىسىدا بىر بايانات ئېلان قىلغان، ئامېرىكىلىق ئادۋۇكاتلاردىن تەشكىل تاپقان بىر تەشكىلات بولغان "ئاساسىي قانۇن ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەركىزى"، نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 30 مەھبۇسنىڭ گۈەنتانامو ھەربىي تۇرمىسىدىن قويۇب بېرىشكە بولۇدىغان مەھبۇسلار دەپ بەلگۈلەنگەنلىكىنى ، ئەمما قاتتىق زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئاساسىي قانۇن ھوقۇقلىرىنى قاغداش مەركىزىنىڭ باياناتىدا، نۆۋەتتە گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 15 ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. باياناتتا، " خىتايدىن قېچىپ ئافغانىستاندا پاناھلانغان بۇ ئۇيغۇرلار 2001‏- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىن، پاكىستاندا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس" دېيىلگەن.

ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە، پەقەت بەش ئۇيغۇر، بىر ئالگىرىيىلىك ۋە بىر مىسىرلىق مەھبۇسنى قوبۇل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، گەرچە ئالبانىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارغا پاناھلىق بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھازىرغىچە ئىش تاپالمىغان ھەمدە ئائىلىلىرىنى ئېلىپ كېلەلمىگەن دەپ، كۆرسىتىلگەن.

" ئاساسىي قانۇن ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەركىزىنىڭ ئادۋۇكاتلىرىنىڭ بىرى بولغان شايانا كادىدال، قويۇپ بېرىشكە بولۇدىغان مەھبۇسلار دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان بىر دۆلەت چىقمىغانلىقى ئۈچۈن ھېلىمۇ گۈەنتانامودا تۇرۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلار ئۈستىدە توختۇلۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىتراپ قىلماقتا. ئەمما خەلقئارا جامائەتنىڭ مەسىلىگە سەل قارىشى بۇ مەھبۇسلارنىڭ چارىسىز تۈرمىدە يېتىشىغا سەۋەب بولىۋاتىدۇ،" دېدى. ئۇ ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنى بۇ مەھبۇسلارنىڭ مەسىلسىگە دەرھال چارە تېپىشقا چاقىردى.(ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.