گېرمانىيىدىكى سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش يەكشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ياۋروپا سەپىرىنىڭ يەنە بىر بېكىتى ھېسابلانغان ئالبانىيىنى زىيارەت قىلدى.
پرېزىدېنت بۇش ۋە ئۇنىڭ خانىمى لورا بۇش ئالبانىيىدە قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، تىرانا ئايرودرومى ۋە كوچىلارنىڭ ئىككى تەرىپىدە قوللىرىدا گۈللەرنى ۋە ئامېرىكا بايرىقىنى تۇتقان نۇرغۇنلىغان ئادەملەر پرېزىدېنت بۇشنى قارشى ئالغان شۇنىڭدەك 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش ئالبانىيە پرېزىدېنتى بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، ئالبانىيىدىكى زىيارەت ۋاقتىنىڭ ئاران يەتتە سائەت بولۇشىغا قارىماي، پرېزىدېنت بۇش ماكېدونىيە ۋە كرودىيە رەھبەرلىرى ھەمدە ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان ئالبانىيە ھەربىي خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلان قىلغان.
ئالبانىيە ھۆكۈمىتى پرېزىدېنت بۇشنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قىزغىن قارشى ئالغان بولۇپ، بۇش كوسوۋا مەسىلىسىنى بۇ قېتىمقى يىغىندىمۇ تەكىتلىگەن. بىراق، رۇسىيە بىلەن سېربىيە كوسوۋا مۇستەقىللىقىغە ئىزچىل قارشى چىقماقتا.
ئالبانىيە يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشكە ئىنتىلگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج ئىكەن.
ئالبانىيە ئامېرىكىنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشىدىكى ئەڭ يېقىن قوللىغۇچىسى بولۇپ، گۇئانتانومودا تۇرۇپ تۇرىلىۋاتقان بەش نەپەر ئۇيغۇر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئالبانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلارغا بۇ دۆلەتتە ياشاش ھوقۇقى بېرىلگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)