خىتاي ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىنىڭ قاتتىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھىندونېزىيىگە ۋاقتى ئۆتكەن، يىگىلى بولمايدىغان يىمەكلىكلەرنى ياردەم ھېسابىدا ئەۋەتكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭ ئالدىدا، ھىندونېزىيە مەتبۇئاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن يىمەكلىكلەرنىڭ ئۆتكەن يىلى 10 - دىكابىر كۈنى ۋاقتى ئۆتكەن، يىگىلى بولمايدىغان يىمەكلىكلەر ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇئا ئاگېنتلىقى بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، يىمەكلىكلەرگە بېسىلغان ۋاقىتنىڭ، يىمەكلىكلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈش كۈنىنى ئەمەس، بەلكى ئىشلەپچىقىرىلغان كۈنىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي سودا مىنىستىرى چوڭ كۈەن، ھىندونېزىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىنى "ھىندونېزىيە خەلقىگە خاتا ئۇچۇر يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان سەپسەتە" دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن دەھشەتلىك دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا 60 مىليون دوللارلىق ياردەم بويۇملىرى ۋە پۇل ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاران تەسلىكتە دۇنيادىكى ئاپەتكە ئەڭ كۆپ ياردەم بەرگەن 10 دۆلەتنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى. (ئارزۇ)