ئامېركىىنىڭ ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقىدا "سالامەتلىك تەكشۈرۈشى"دىن ئۆتتى

ئامېرىكا 7 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى "بايقاش" بەلگىلىك ئالەم كېمىسىنى فلورىدا شىتاتىدىكى كېنىندى ئۇچۇرۇش مەركىزىدىن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەرگەن ئىدى. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، "بايقاش" بەلگىلىك ئالەم كېمىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئالەم پونكىتىغا يېتىپ چىققان. شۇنداقلا ئۇ ئالەم پونكىتىنىڭ ئۈستىدە 300 مېىتىر ئىگىزلىكتىن باشلاپ ئالەم پونكىتىدىن 180 مېتىر تۆۋەن ئارىلىققىچە پۈتۈن گەۋدىسىنى يانتو قىلىپ ئاستا ئۇچۇپ، ئالەم پونكىتىدىكى مۇتەخەسسىسىلەرنىڭ تەپسىلىي رەسىمگە ئېلىپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ "كولومبىيا" بەلگىلىك ئالەم كېمىسى 2003 ‏- يىلى ھادىسىگە ئۇچراپ چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئالەم كېمىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى ئالەم بوشلۇقىدا تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، مەسىلە كۆرۈلسە ئالەم بوشلۇقىدا تۇرغۇزۇپ رىمۇنت قىلىش بەلگىلەنگەن ئىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، "بايقاش" بەللگىلىك ئالەم كېمىسى بۇ قېتىم 2 ئايال، 3 ئەر ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئېلىپ 115 ‏- قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتىمەكلتە. "بايقاش" بەلگىلىك ئالەم كېمىسى بۇ قېتىم ئالەم پونكىتىغا تەمىنات ۋە كېرەكلىك ئۈسكۈنە ئېلىپ چىقتى. بايقاش بەلگىلىك ئالەم كېمىسى پىلان بۇيىچە 7 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدىكى كېنىندى مەركىزىگە قايتىپ كېلىدۇ. بۇقېىم ئالەم بوشلۇقىغا چىققان گېرمانىيىلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى توماس ئەپەندى ئالەم پونكىتىدا 6 ئاي تۇرىدۇ. (ۋەلى)