ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقىدا 16 يىل ئايلانغان تېلىسكوپنى قۇتقازماقچى

16 يىلدىن بۇيان ئالەم بوشلۇقىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، كىشىلىك ئالىمىگە ئاجايىپ- غارايىپ كۆرىنىشلەرنى يوللاپ بېرىپ تۇرغان 'خاب' تېلىسكوپىنى يېڭىلاش پىلانى 2003 ‏- يىلىدىكى 'كولۇمبىيا' بەلگىلىك ئالەم كېمىسى ۋەقەگە ئۇچرىغاندىن كېيىن كېچىككەن ئىدى. 'خاب' تېلىسكوپىنىڭ سەپلىمىلىرىنى يەڭگۈشلەيدىغان ۋاقىت چەكلىمىسىگە يەنە 3 يىل قالدى. ھازىر ئۇ كۈندىن -كۈنگە كونىراپ كېتىۋاتىدۇ.

ئىنسانىيەت ئالەم بوشلۇقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان بۇ ئۆتكۈر قورال ‏- خاب تېلىسكوپىغا، ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى يېڭىچە كەڭ ئىكرانلىق سىن ئالغۇ ئورنىتىشنى ۋە ئۇنىڭ فوتوغا ئېلىنغان ماددىنىڭ كەسمىسىنى ئېنىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا. بۇ پىلاننى ئامېرىكا 'بايقاش' بەلگىلىك ئالەم كېمىسى بىلەن 2008 ‏- يىلى ئورۇنلىماقچى. (ۋەلى)