رامزفېلد ئالجىرىيىنى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامزفېلد ئافرىقىدىكى 3 دۆلەت سەپىرىدە يەكشەنبە كۈنى ئالجىرىيىنى زىيارەت قىلدى. بۇ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئالجىرىيىنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دونالد رامزفېلد ئالجىرىيىنىڭ، تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن ياخشى ھەمكارلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، " ئالجىرىيە گەرچە ئىزچىل ئىتتىپاقداش تەشكىلاتلىرىغا قاتناشماسلىق مەيدانىدا تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تېررورچىلىققا قارشى كۆرەش قىلىپ كەلدى. تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئالجىرىيە ئامېرىكىنىڭ بىر ياخشى ھەمكاردىشى" دەپ بىلدۈردى.

ئالجىرىيە، رامزفېلدنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى 3 دۆلەت سەپىرىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولۇپ، بۇ يەردىن كېيىن ئۇ يەنە موروككونى زىيارەت قىلماقچى. شەنبە كۈنى دونالد رامزفېلد تۇنىس رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، سىياسىي ئىسلاھات، ھەربىي ھەمكارلىق ۋە رايون خاراكتېىرلىك مەسىلىلەردە سۆھبەتلەشتى.

رامزفېلد زىيارەت قىلغان بۇ 3 دۆلەت يەنە، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. (پەرىدە)