يادرو قوراللار سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغان ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورىيىلىك ۋەكىللەر بېيجىڭدا ئۇچراشتى
2005.07.25
شىمالى كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 6 دۆلەت سۆھبىتى 26 - ئىيۇلدا باشلىنىدۇ. سۆھبەت باشلىنىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكا ۋە شىمالى كورىيە ۋەكىللىرى دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا سۆھبەت ئېلىپ باردى.
ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىگە ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىستوفىر خىلل، شىمالىي كورىيە سۆھبەت ئۆمىكىگە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىم كيى- گۋان يىتەكچىلىك قىلغان. كرىستوفىر خىللنىڭ سۆھبەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا تەكىتلىشىچە، بۈگۈنكى ئۇچرىشىش ئۆز ئارا تونۇشۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانكەن. سۆھبەت 75 مىنۇت داۋام قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى سۆھبەت شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە 6 تەرەپ يىغىنىنىڭ 4 - قېتىم ئېلىپ بېرىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن قېتىمقى سۆھبەت 2004 - يىلى 6 ئايدا ئېلىپ بېرىلغان.
سۆھبەت سەيشەنبە كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا باشلىنىدۇ. سۆھبەتنىڭ مەقسىدى شىمالىي كورىيىنى يادرو قوراللاردىن ۋاز كەچۈرۈش شۇنداقلا شىمالىي كورىيىگە بىخەتەرلىك كاپالىتى ۋە ئىقتىسادى ياردەم بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈشدۇر.
"كورىيە گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ۋەكىلى بۇ قېتىمقى يىغىندا شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللاردىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. كرىستوفىر خىلل بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا ، " مەن سۆھبەتنىڭ ئەمىلى خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،" دېدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا جەنۇبىي كورىيىنىڭ پيوڭياڭنى ئېلېكتىر بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى قارشى ئالدى
- رايىس، شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
- شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىدىكەن
- ئامېرىكا ۋە ياپونىيە، شىمالىي كورىيىنى ئاتوم بومبا سىنىقى ئېلىپ بارماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
- كوندىلىزا رايىس، ئامېرىكا شىمالىي كورىيىگە قارشى "ئۈستۈنلۈككە" ئىگە، دەپ كۆرسەتتى