پرېزىدېنت بۇش دالاي لاماغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ
2007.09.28
ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى باياناتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش كېلەر ئاي تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاماغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۆتكەن يىلى دالاي لاماغا دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مىدالى تارقىتىش توغرىسىدا قانۇن ماقۇللىغان بولۇپ، تارقىتىش مۇراسىمى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى. دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مېدالى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى شەرەپ مۇكاپاتىدۇر. خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پرېزىدېنت بۇش بۇنىڭدىن بۇرۇن بىر قانچە قېتىم دالاي لامانى ئاقسارايدا قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇش بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا قاتناشسا، بۇ ھازىرغا قەدەر دالاي لاما بىلەن بۇ مۇراسىمغا قاتناشقان تۇنجى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ قالىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى دالاي لامانى دىنىي تونغا ئورىنىۋېلىپ، تىبەت مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان "بۆلگۈنچىلىك" دەپ ئەيىبلىمەكتە. لېكىن دالاي لاما بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ، مەقسىدى تىبەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتىكى ئالىي ئاپتونومىيىسىنى تەلەپ قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر بۇش مۇراسىمغا قاتناشسا، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىشى مۇمكىن. چۈنكى باشقا دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۆكتىچىلىرىنى ياكى خىتاي قارشى تۇرىدىغان مىللىي يىتەكچىلەرنى كۈتىۋالسا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتلەرگە دائىم نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلدى. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئۆتكەن ھەپتە دالاي لاما بىلەن كۆرۈشسە، خىتاي ھۆكۈمىتى مېركېلنى خىتاي - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىگە زىيان سالدى ، دەپ ئەيىبلىگەن.
بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ 6 - ئايدا پرېزىدېنت بۇش ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلسا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ، بۇش - رابىيە قادىر ئۇچرىشىشىغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانى قوبۇل قىلدى
- ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى گۇسېنبېير دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ دالاي لامانى كۈتۈۋالماقچى بولغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى
- ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينى ئەيىبلىدى
- ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىللەر ئۆمىكى تىبەتتە زىيارەتتە بولماقتا
- ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى جون خوۋارد بېيجىڭنىڭ نارازىلىقىغا پىسەنت قىلمىدى
- ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى خىتاينىڭ نارازىلىقىغا قارىماي دالاي لاما بىلەن كۆرۈش ئارزۇسىنى بىلدۈردى
- دالاي لامانىڭ بېلگىيە زىيارىتى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى
- كوندىلىزا رايىس، بېيجىڭنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىشكە چاقىردى