خىتاي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال بەرگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى


2007.10.18

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى مەخسۇس چاقىرتىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىغا بېرىلىدىغان ئەڭ ئالىي شەرەپ مېدالىنىڭ، تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاماغا تەقدىم قىلىنغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۈ جەنچاۋ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ دالاي لامانى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالتۇن مېدالى بىلەن مۇكاپاتلاش قارارىنىڭ خىتاي ‏- ئامېرىكا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن بولۇپ، مەزكۈر ئالتۇن مېدال ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ، تېنچلىقنى ھىمايە قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدىغان ئالىي شەرەپ مېدالى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، خىتاينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات بېرىش مۇراسىمىدا، دالاي لاماغا ئۆز قولى بىلەن ئالتۇن مېدال تەقدىم قىلدى. بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ تۇنجى قېتىم دالاي لاما بىلەن رەسمىي يوسۇندا ئاشكارا ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

گەرچە بېيجىڭ تەرەپ ئىلگىرى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ بۇ تۈپەيلى تەسىر ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بىراق بۇش مۇراسىمدا بېيجىڭنىڭ 72 ياشلىق تىبەتلىك بۇددىست داھىي دالاي لاما بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بېرىشىنى تەشەببۈس قىلدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.