ئامېرىكا فېدىرال غەزىنىسى دوللارنىڭ ئۆسۈمىنى يەنە چۈشۈردى


2008.01.22

ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئارقىغا چېكىنىش ۋە ئاكسىيە بازىرىدىكى داۋالغۇشنى توختىتىش تەدبىرى سۈپىتىدە ئامېرىكا فېدىرال غەزىنىسى سەيشەنبە ئەتىگەن دوللارنىڭ ئۆسۈمىنى يەنە 75.0 پىرسەنت چۈشەردى. فېدىرال غەزىنىسىنىڭ قارارى، دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرى ئاسىيا پايچېكى بازارلىرىدا زور داۋالغۇش يۈز بېرىپ، پاي چېكى باھاسىنىڭ تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتكەن ، دۇنيانىڭ كۆزى نيۇ يورك پاي چېكى بازىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنلۈك ئەھۋالىغا تىكىلگەن مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

ئاسىيا پاي چېكى بازارلىرىدا سەيشەنبە كۈنى شاڭخەي پاي چېكى بازىرى 2.7 پىرسەنت، شىنجىن ئاكسىيە بازىرى 64.7 پىرسەنت چۈشۈپ، خوڭكوڭ پايچېك بازىرىدىكى چۈشۈش 7.8 پىرسەنتكە يەتتى. دۈشەنبە كۈنى ھىندىستان ئاكسىيە بازىرى پاي چېكى 13 % چۈشۈپ كېتىپ، پاي چېكى بازىرىنى تاقاشقا مەجبۇر بولدى. سەيشەنبە كۈنى لوندون، توكيو، پارىژ ۋە فرانكفورتلاردىكى ئاكسىيە بازىرىدا پاي چېكى باھاسى چۈشۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئامېرىكىدىكى پاي چېكى بازارلىرى دۈشەنبە كۈنى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن دەم ئالدى. شۇ تۈپەيلى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى نيۇ يوركتىكى پاي چېكى بازىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنلۈك ئەھۋالىغا مەركەزلەشكەن. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئاسىيا ئاكسىيە بازىرىدىكى چۈشۈشنىڭ ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

ئامېرىكا فېدىرال غەزىنىسىنىڭ ئۆسۈمنى چۈشۈرۈش قارارى، ئامېرىكا ئىقتىسادىنى تىرىلدۈرەلەمدۇ، دېگەن مەسىلە يەنىلا كەسكىن جاۋاب بېرىش تەس بولغان سۇئال بولۇپ قالدى. فېدىرال غەزىنىسى ھەر خىل بىشارەتلەر ئامېرىكا ئۆي بازىرىنىڭ ئەھۋالىدا قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە تېخىمۇ ئېغىرلىشىش خەۋپى بارلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە، دەپ ئاگاھلاندۇرغان. خەۋەرلەردە ئەسكەرتىشىچە، گەرچە خىتاي بانكىسى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر بانكا ئامېرىكا ئامانەت قەرز بازىرىغا سالغان مەبلىغىدىن ئاز كەم 8 مىليارد دوللار زىيان تارتقان. جۇڭگو بانكىسىنىڭ خوڭكوڭ ئاكسىيە بازىرىدىكى پايچېكى سەيشەنبە كۈنى 6.8 پىرسەنت چۈشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.