ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي ھەققىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرگە تەييارلانماقتا

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، 2008‏- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى سەۋەبىدىن، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققەت ئىتىۋارىنىڭ خىتايغا بۇرۇلغلانلىقىدىن پايدىلىنىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىنى كۈنسېرى كۈپەيتىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشنى ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ 2008‏- يىلى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم پائالىيەت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىماقتا.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، 8‏- ئاۋغۇست كۈنى ئىچىلىدىغان 2008‏- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى سەۋەبىدىن خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنىڭ خىتايغا بۇرۇلغانلىقىدىن شۇنىڭدەك نويابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى تۈپەيلىدىن، خىتاي- ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئادالەتسىز ئىقتىسادىي سىياسىتى، ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەمدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈش ھەمدە قارار لايىھىلىرى چىقىرىشنى، ئۆزلىرىنىڭ پائالىيەت كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كىرستوفەر سىمىت، " خىتاي ھۆكۈمىتى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن، دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئۇتۇقلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پايدىلانماقچى. بىز مۇ بۇنىڭدىن، خەلقئارا جامائەتكە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قانداق ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، پايدىلىنىشىمىز، كېرەك" دېگەن.

كىرىستوفەر سىمت ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى داۋاملىق تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بىر نەچچە قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلسىنى ئوتتۇرىغا قويغان شۇنىڭدەك ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنىڭ تەييارلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ، ئىنتېرنېت توربەتلىرىگە چەكلىمە قويغان دۆلەتلەرگە ئىلغار تېخنىك ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىشىنى چەكلەيدىغان بىر قانۇن لايىھىسى سۇنۇش ئۈچۈن تەييارلانماقتا ئىكەن.