ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرى قىسقارتىلماقچى

ئافغانىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامىزفىلد، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى تىنچلىقنى قوغداش پائالىيىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكى تارىخىي بىر ۋەقە دەپ كۆرسەتتى. دونالد رامىزفىلد، ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئافغانىستاننى زىيارەت قىلغان ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى ھەپتە ئاۋۋال ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايس ئافغانىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان پرېزىدېنتى كەرزەي ھۆكۈمىتىگە بېرىۋاتقان ياردىمىنىڭ ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئافغنائىستاندىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش پائالىيىتى ھازىرغىچە ئاساسەن ئافغانىستاننىڭ شالىي، غەربىي رايونى ھەمدە پايتەخت كابۇل بىلەن چەكلەنگەن. يېقىندا پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بۇ ئاي ئىچىدە ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغا ھەربىي قىسىملىرىنى ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.

لېكىن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي پائالىيىتىنى كېڭەيتكەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى دېگەنلىك ئەمەس، دېدى.

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقى جەنۇبىي رايونلىرىدا تالىبان قالدۇقلىرى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. تالىبان قالدۇقلىرى يېقىندىن بۇيان يەنى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدىن چىكىنىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىغا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي قىسىسملىرىنىڭ ئورۇنلىشدىغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن بېرى، ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتتى. نەتىجىدە ئۆتكەن ئىككى ئاي ئىچىدە ئافغانىستاندا كۆپۈنچىسى تالىبان جەڭچىسى يۈزلىگەن كىشى ئۆلدى.

ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ھاكىمىيىتى ئامېرىكا ھەربىي قىسىسملىرى تەرىپىدىن گۇمران قىلىنىپ بەش يىلدىن كېيىن، ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرىنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئافغانىستاندىكى بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرى ئۈچۈن جىددىي بىر تەھدىتكە ئايلانغانلىقى سىياسىي ۋە ھەربىي مۇلاھىزىچىلەرنى ھەيران قالدۇرماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى بىلەن ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى ھازىرقى 22000 كىشىدىن 16500 گە ئازايتىشنى پىلانلىماقتا. (قانات)