جورج بۇش ئافغانىستان ئىستراتېگىيسىنى ئۆزگەرتىنى پىلانلىماقتا
2007.01.25
يېقىندا ئىراققا قارىتا يېڭى بىر ئىستراتېگىيە يولغا قويغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش، يەنە ئافغانىستان ئىستراتېگىيسىنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى.
ئىراققا يەنە 21500 ئامېرىكا ئەسكىرى ئەۋەتىشنى قارار قىلغان پرېزىدېنت بۇش، ئافغانىستان مىللىي ئارمىيىسىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇش ئىشلىرىغا تېخمۇ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىشنى پىلانلىماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پرېزىدېنت بۇش يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇش ۋە ئافغانىستاندىكى بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن 9 مىليارد دوللار ئەتراپىدا قوشۇمچە پۇل ئاجرىتىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.
ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى تونى سىنو "پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئافغانىستان ھەققىدىكى يېڭى پىلانى، جۈمە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايس تەرىپىدىن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يېغىنى جەريانىدا ئېلان قىلىنىدۇ" دېدى.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، بەش يىل بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئافغانسىتاندىكى ھاكىمىيىتى گۇمران بولغان تالىبانلار قايتىدىن تەشكىللىنىپ، نۆۋەتتە ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي رايونلىرىدا پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىپ، ھەتتا بەزى ناھىيىلەرنىڭ كونتروللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە ھاكىمىيىتىنى قايتىدىن تىكلىمەكتە. سىياسىي ۋە ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر، تالىبانلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ كۈچلىنىشىدە، ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇش ئىشىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنىڭ ھەمدە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى بىر تەرپ قىلالمىغانلىقىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئافغانىستاندىكى شمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىرىمۇ، تالىبانلار ھەرىكىتىنى توختىتىش ئۈچۈن، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئورۇندىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- جورجى بۇش دۆلەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىدا كۇبا، بېرما، ئوتتۇرا شەرق ۋە بىلورۇسىيىلەرنى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى
- ئافغانىستاندىكى تالىبانلار نېمە ئۈچۈن كۈنسېرى كۆچلىنىۋاتىدۇ ؟
- ئافغانىستاندا 100 دىن ئارتۇق تالىبان ئۆلتۈرۈلدى
- ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى فوردنىڭ ئىش ئىزلىرى خاتىرىلەندى
- ئامېرىكا تالىبانلارنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى ئۆلتۈرگەن