ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئافغانىستان ۋە پاكىستاننى زىيارەت قىلدى

2007-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چېينى دۈشەنبە كۈنى ئافغانىستان ۋە پاكىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئالدىمىزدىكى ئەتىيازدا تالىبانلارغا قارشى پىلانلانغان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئۆتكەن ھەپتە باشلانغان ئاسىيا زىيارىتىنىڭ ئالدىن ئېلان قىلىنمىغان بىر قىسمىدا، ئاۋال پاكىستانغا بېرىپ، پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئاندىن، ئافغانىستانغا ئۆتۈپ ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كەرزەي بىلەن كۆرۈشكەن.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ئافغانىستاندا قايتىدىن تەشكىللگەن تالىبانلار ئۆتكەن يىلى ئافغان مىللىي ئارمىيىسى ۋە ئافغانىستاندىكى بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئافغانىستانغا يەنە 3200 ئامېرىكا ئەسكىرى ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چېينى، پاكىستان پرېزىدېنتى مۇشەررەپ بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، پاكىستان رەھبىرىدىن، تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا پاكىستان تېررىتورىيىسىدىن پايدىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئافغانىستان- پاكىستان چېگرا رايونىدا جىددىي تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان.

گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پاكىستاننى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۆمەت خادىملىرى، پاكىستان ھۆكۈمىتىنى، ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى پاشتون قەبىلىلىرىنىڭ تالىبانلارغا ياردەم بېرىشىنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئالمايۋاتىدۇ دەپ، ئەيىبلىمەكتە. (قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت