ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىستوفىر خىلل دۈشەنبە كۈنى ياپونىيىگە يېتىپ كېلىپ شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى باشلىدى.
كرىستوفىر خىلل توكيودا مۇخبىرلارغا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە شىمالىي كورىيە يادرو سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ " ناھايىتى قىيىنلىقىنى" تەكىتلىگەن. ئۇ، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان بۇ زىيارىتىنىڭ شىمالى كورىيە يادرو سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردىمى تېگىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
خىلل ئۆتكەن قېتىم شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلغاندا شىمالىي كورىيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىغا قارىماي باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن شىمالى كورىيىگە قارشى قاتتىق قول بولۇشنى ۋە 6 دۆلەت سۆھبىتىنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قىستاشنى تەلەپ قىلماقتا.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كرىستوفىر خىلل سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، شەنبە كۈنىگىچە خىتاينىڭ چېڭدۇ، گۇئاڭجۇ ۋە شاڭخەي شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىدىكەن.
شىمالىي كورىيە 2005 - يىلى 9 - ئايدا يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە ماقۇل بولغان بولسىمۇ، لېكىن سۆھبەتتىن كېيىن پيوڭياڭ ئامېرىكىنىڭ شىمالى كورىيىگە قويغان پۇل - مۇئامىلە ئىمبارگوسىغا نارازى بولۇپ، ھازىرغىچە سۆھبەت ئۈستىگە قايتىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. (ئەركىن)