ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كۆمىتېتى ئورنىغا قۇرۇلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ كىرمەسلىكنى قارار قىلغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى 6 - ئاپرىل كۈنى ۋاشىنگتوندا بەرگەن باياناتىدا: « ئامېرىكا يېڭى قۇرۇلغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قانداق بىر شەكىل ئالىدىغانلىقىنى ۋە قايسى يۆنۈلۈشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقىنى كۈتۈشنى قارار قىلدى» دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۆتكەن ئاي مەزكۇر كېڭەشنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ ئاۋازى بىلەن قوبۇل قىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ كېڭەشكە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كىرىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ نىزامنامىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن باشقا دۆلەتلەر كېڭەشنىڭ نىزامنامىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ ئامېرىكىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى ئاۋاز بەرگەن ئىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 21 دۆلەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى نامزات كۆرسەتكەن. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۆزىنىڭ تۇنجى يېغىنىنى 6- ئاينىڭ 19 - كۈنى جەنۋەدە ئاچىدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ، خىتاي، سودان ، لىۋىيە قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ كۆپ دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەزا بولۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كومىتېت ئۆزىنىڭ ئىتىبارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ئىدى. شۇڭا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مەزكۇر كومىتېتنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى قۇرۇپ چىققان. (ئەقىدە)