ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى
2008.01.08
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا خىتاي ۋە ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى ۋە تەيۋەن مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى تېنىچ ئوكيان قىسمىنىڭ باش قوماندانى كېاتىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىكەن.
ب ب س نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ 11 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا،ئامېرىكىنىڭ "بۈركۈت باچكىسى" ئاۋىئاماتكىسىنىڭ خوڭكوڭدا توختىشىنى رەت قىلىش ھەرىكىتى ئامېرىكىنى قاتتىق ئەجەبلەندۈرگەن بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيىسى تېنىچ ئوكيان دېڭىز ئارمىيىسى قىسمىنىڭ قوماندانى كېاتىڭ خىتاينىڭ مەزكۇر ھەرىكىتىنى چۈشىنىكسىز ھەرىكەت دەپ ئەيىبلەپ، بۇ ھەرىكىتىگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئەسلى پىلاندا ئامېرىكىنىڭ " بۈركۈت باچكىسى" ئاۋىئاماتكا ئەترىتىدىكى 8 مىڭ نەپەر ئەسكەر پەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا توختاپ، " مىننەتدارلىق بايرىمى"نى بۇ يەردە ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن تەبرىكلىمەكچى ئىدى. لېكىن ئاۋىئاماتكا ئەترىتى ئاخىرقى مىنۇتتا خىتاي تەرەپنىڭ خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا ئەترىتى بولسا خوڭكوڭغا كىرەلمەي شۇ كۈنى ياپونىيىدىكى تۇرالغۇسىغا قايتقان ئىدى. لېكىن ۋەقە يۈز بېرىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاۋىئاماتكا ئەترىتىنىڭ خوڭكوڭغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا ئەترىتى " پاراخوتلارنىڭ خوڭكوڭ پورتىدىن ئايرىلىپ بولغانلىقى شۇنداقلا ھاۋا رايى سەۋەبىدىن" خوڭكوڭدا توختاش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىغان.
ئاخباراتلاردا مەزكۇر ۋەقە خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە 3مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى قورال ساتقانلىقى ھەم پرېزىدېنت بۇشنىڭ دالاي لامانى كۈتىۋالغانلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرىنى ئالغان ھەرىكىتى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.
ئانالىزچىلار،تەيۋەن پرېزىدېنت سايلىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تۇراقلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇ قېتىملىق ئىككى تەرەپ ھەربىي ھەمكارلىقلار سۆھبىتى ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن ئارىسىدا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ۋە دېپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تۇراقلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئاكتىپ پوزىتسىيىگە ئۆتكەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ بىرلەشمە مانېۋىرى ئاياقلاشتى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىشىگە قارشى چىقىشىنى ئەيىبلىدى
- خىتاي بىلەن ھىندىستان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە
- ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە سۆھبىتى ئاخىرلاشتى
- خىتاي ئامېرىكىدىن ياڭيۇ ياپراقچىسى ئىمپورت قىلىشنى توختاتتى
- ياپونىيە يېقىندا ھىندونېزىيىگە ئۈچ دانە ئىلغار چارلىغۇچى پاراخوت ياردەم قىلدى
- " خىتاي ئامېرىكىدىن دالاي لاما سەۋەبىدىن ئۆچ ئېلىۋاتىدۇ "
- خىتاي سۈنئىي ھەمراھى تارتقان ئاي شارى سۈرىتىنىڭ راستلىقىنى تەكىتلىدى
- دېموكرات پارتىيىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك پرېزىدېنت نامزاتى دەپ قارالغان، خېلەرى كلىنتون بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھازىردىنلا بۇزۇلۇشقا باشلىدى
- ئامېرىكا خىتايدىن "بۈركۈت باچكىسى" ئاۋىئاماتكىسىنىڭ خوڭكوڭدا توختىشىنى رەت قىلىش ھەرىكىتىگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى