ئامېرىكا ئاتموسفېرانىڭ سىرتىدا ھەرىكەت قىلىدىغان يېڭى ھەربىي قورال ياسىماقتا


2007.11.14

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كەلگۈسىدە يۈز بەرگۈسى ئۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئاتموسفېرانىڭ سىرتىدا ھەرىكەت قىلىدىغان ھەربىي قورال ۋە ئۇچۇر سېستىمىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا كىرىشتى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 459 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىدىكى يېڭىچە ھەربىي قورال تۈرلىرى ئىچىدە 'فالكون' ناملىق ئاۋازدىن تېز ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك ئالەم ئۇچقۇسى پىلانى ئەڭ مۇھىم نوقتا. بۇ خىل ئۇچقۇ ئاتموسفېرانىڭ سىرتىدا ئاۋازدىن ئالتە ھەسسە تېز سۈرئەت بىلەن ھەرىكەت قىلالايدۇ ۋە 12 مىڭ پۇت ئېغىرلىقتىكى پارتلاتقۇچ بومبىنى يۈكلەپ ئۇچۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى نىشاننى بومباردىمان قىلالايدۇ.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە ھەربىي قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا كىرىشكەنلىكى لۈكچەك دۆلەتلەرنىڭ تەھدىتىگە ۋە ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈنئىي ھەمراھنى پاچاقلىيالايدىغان خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يەر يۈزىدىكى جەڭ مەيدانىنى ئالەم بوشلۇقىغا يۆتكەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئامېرىكا ھازىر، ئىراق ۋە ئاۋغانىستانلاردىكى جەڭ مەيدانلىرىغا ئەمەس، ئالەم بوشلۇقىدىكى كەلگۈسى جەڭ مەيدانلىرىغا كۆز تىكمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى قوراللارنى سىناق قىلىش ئىدارىسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا بۇ خىل يېڭى قورالىنى كېلەر يىلى سىناق قىلىدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.