ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا چارشەنبە كۈنى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 10 يىللىق كۈچكە ئىگە دۆلەت مۇداپىئە كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ كېلىشىم، ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە قورال ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
شۇنداقلا بۇ كېلىشىم ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد بىلەن ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پراناب مۇخېرجى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ئىككى مىنىستىر كېلىشىمدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، "ھىندىسستان- ئامېرىكا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەمكارلىق سەۋىيىسىگە يەتتى" دەپ بىلدۈردى.
باياناتتا ئۇلار يەنە، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ يېڭى بىر دەۋىرگە قەدەم قويغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق پرىنسىپى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پراناب مۇخېرجىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى زىيارىتى، ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەندىن بۇيانقى ئامېرىكىغا قىلغان تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستانغا يادرو تېخنىكىسى بەرمەسلىك چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ھىندىستان 1998 - يىلى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بۇ چەكلىمىنى چىقارغان ئىدى. (پەرىدە)