ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج W بۇش بىلەن ھىندىستان باش مىنىسىتىرى مانموخان سىڭ، 2 - مارت كۈنى ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلق ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يادرو ئېنېرگىيىسى ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسىگە قول قويدى.
مەزكۈر كېلىشىمنامىگە ئاساسەن ھىندىستان، خەلق ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يادرو ئېنېرگىيىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش شەرتى ئاستىدا، ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يادرو ئېنېرگىيىسىدىن تامامەن پەرقلىنىدىغان تۈر بويىچە، ئامېرىكىنىڭ يادرو ئېنېرگىيە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنالايدىكەن.
ئىككى تەرەپنىڭ مەزكۈر يادرو ئېنېرگىيىسى ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدىن كېيىن، ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىڭ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، " بىز، خەلق ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يادرو ئېنېرگىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىدە ئورتاق قاراشقا كېلىپ، بۇ جەھەتتە كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ھەمكارلىق ھاسىل قىلدۇق" دەپ كۆرسەتكەن.
پرېزىدېنت جورج بۇش، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ، خەلق ئىگىلىكى يادرو ھەمكارلىق مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلىشى "تارىخى ئەھمىيەت" كە ۋە " زۆرۈر" لۈككە ئىگە بىر مۇھىم مەسىلە دەپ بىلدۈردى.
1998 - يىلى 5 - ئايدا ھىندىستان ئىككىنچى قېتىملىق يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھىندىستاننى يادرو ماتېرىياللىرى ۋە تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقان .
ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىڭ ئۆتكەن يىلى 7 - ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدا ئامېرىكىغا، خەلق ئىگىلىكى يادرو ئېنېرگىيىسى بىلەن ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يادرو ئېنېرگىيىسىنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى. (ئەقىدە)
