پرېزىدېنت بۇش ھىندىستان بىلەن ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ھىندىستاندىكى ئىككى كۈنلىك زىيارىتى جەريانىدا يېڭى دېھلى بىلەن يادرو ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ھىندىستان بىلەن ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇش، ھىندىستاننىڭ يۇقىرى تېخنىكا رايونى ھەيدەرئابادنى زىيارەت قىلغاندا يادرو كېلىشىمىنى " ناھايىتى مۇھىم كېلىشىم، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، شۇ يەردىكى بىر سودا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا سۆز قىلغاندا، " بىزنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىمىز مېنى ھاياجانغا سالدى" دەيدۇ.

بۇش ھەيدەرئابادنى زىيارەت قىلغاندا مۇسۇلمانلار نەچچە مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار ئۇساما بىن لادېننىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرىۋالغان. لاكناۋا شەھىرىدىكى نامايىشتا مۇسۇلمانلار بىلەن ھىندى دىنىدىكىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 3 ئادەم ئۆلدى، 17 ئادەم يارىلاندى .

پرېزىدېنت بۇش ھىندىستان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن يېڭى دېھلىدىكى پۇرانا چىلا تارىخىي قەلئەسىدە ھىندىستان خەلقىغە سۆزقىلىپ، "ھىندىستان ئامېرىكىنىڭ 21 - ئەسىردىكى تەبئىي ئىتتىپاقدىشى، چۈنكى بىز ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە قېرىنداش " دەپ تەكىتلىدى.

بۇشنىڭ زىيارىتى جۈمە كۈنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ شۇ كۈنى پاكىستان پايتەختى ئىسلامئاباد شەھىرىگە يېتىپ بارغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ پاكىستاندا ئىسلامئاباد دائىرىلىرى بىلەن تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى، ئامېرىكا - پاكىستان سىياسى - ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرى بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن. (ئەركىن)