ئامېرىكىنىڭ مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى بارلىقى ھەققىدىكى خەۋەر خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا

ئامېرىكىنىڭ كۆپ دۆلەتلەردە ئەل - قايدە تەشكىلاتى ئەزالىرى ۋە تېررورلۇق گۇماندارلىرىنى مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى بارلىقى ھەققىدىكى خەۋەر خەلقئارانىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتماقتا.

ئامېرىكىدىكى داڭلىق " ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشقا دۆلەتلەردە قۇرغان، ئەل قايدە تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنى مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش ۋە سوراق قىلىش ئورۇنلىرى بارلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

خەۋەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان ئاخبارات خادىملىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان سەككىز دۆلەتتە قۇرۇلغان. بۇ ئورۇنلاردا جەمئىي 100 دىن ئارتۇق مەھبۇس بار ئىكەن.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى، ئامېرىكا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان تېررورلۇق گۇماندارلىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ تۇتقۇنلار بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا، بۇ خەۋەرگە باھا بېرىشنى رەت قىلدى. ئامېرىكا پرېزىدېتىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى، ئاخبارات خىزمىتى ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئەزەلدىن ، ئامېرىكىنىڭ قىيىن - قىستاق ۋاستىلىرىنى قوللانمايدىغانلىقى ۋە خەلقئارا قانۇن بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. (ئارزۇ)