ئامېرىكا ئىران ئەتراپىدىكى دېڭىز رايونىدا كەڭ كۆلەمدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى يەكشەنبە كۈنى پارىس قولتۇقىنىڭ ئىران بىلەن چېگرىلىنىدىغان دېڭىز رايونىدا كەڭ كۆلەمدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان مەزكۇر رايوندا ئېلىپ بارغان ئەڭ چوڭ مانېۋىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
غەرب ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مەزكۇر مانېۋىردا ئاۋىئاماتكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 دانە پاراخوت، 140 دانە كۈرەشچى ئايروپىلان ئىشقا سالغان شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا 17 مىڭ نەپەر ئەتراپىدا ھەربىي خادىم قاتناشتۇرغان.
ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان پارىس قولتۇقى ئەتراپىدىكى ھەربىي كۈچىنى ۋە رايوندىكى تەسىرىنى ئىزچىل ئاشۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ئىراننىڭ يادرو پىلانىدىن كېلىپ چىققان ئىختىلاپلار تۈپەيلىدىن ئامېرىكا –ئىران مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلىشىپ قالغان ئىدى. ئىران تەرەپ ئامېرىكا، گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇران تاۋلاشنى توختىتىش تەلىپىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.
ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى مانېۋىر ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ھېچ قانداق بىر دۆلەتكە قارىتىلمايدىغانلىقى، پەقەت ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇشنىلا مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئىران تەرەپ بولسا، بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ روھىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېقىندا ئامېرىكا بىلەن ئىران دائىرىلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىنقى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە باغدادتا ئىراق مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۆتكۈر ھەربىي قوراللار تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ
- گېنېرالى ۋىليام فالون: ئىران يادرو مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى خالايمەن
- ئىراننىڭ ھەربىي ھۇجۇمغا ئۇچراش ياكى ئۇچرىماسلىقىنىڭ ئالامەتلىرى
- ئەخمەدىنىجاد بۇشنىڭ سۆزىگە قارشى ئىنكاس قايتۇردى
- ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجات بۇشقا خەت يازدى
- ئىران ئاتوم پروگراممىسىدىن ۋاز كەچمەسلىكتە چىڭ تۇردى
- ئىران ئامېرىكىنى ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى
- رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ياردىمىدىن ۋاز كېچىش تەلىپىنى رەت قىلدى