دونالد رامسفىلد ئىراقنى زىيارەت قىلدى
2004.12.24
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفىلد، خرىستىئانلارنىڭ روژىستۋا بايرىمى ھارپىسى ئىراقنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىپ، ئىراقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنى يوقلىدى. ئۇ جۈمە كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ موسۇلدىكى قىسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. شۇنداقلا تۆت كۈننىڭ ئالدىدا بۇ يەردە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە يارىلانغان ئەسكەرلەردىن ھال سورىدى.
تۆت كۈننىڭ ئالدىدا موسۇلدىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بازىسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 22 ئادەم ئۆلگەن. ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى، پارتلاش ۋەقەسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم بولۇشى مۇمكىن، دەپ جاكارلىدى. بۇ ۋەقە ئۆتكەن يىلى 4 - ئايدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر ئىراققا ھۇجۇم قىلغاندىن بېرى، ئامېرىكا قىسىملىرى ئۇچرىغان ئەڭ چوڭ يوقىتىش بولغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى رامسفىلد، ئىراقتا ئۆلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا يازغان ھال سوراش خېتىنى ئۆزىنىڭ ئىمزالىمىغانلىقى، شۇنداقلا كۇۋەيتنى زىيارەت قىلغاندا بۇ يەردىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئازارلاش بىلەن تەنقىت قىلىنغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى رامسفىلدنى ئىستىپا بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.
رامسفىلد، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئۇلارنىڭ ئىراقتىكى ۋەزىپىسى پەۋقۇللادە مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئەسكەرلەرنىڭ روژىستۋا بايرىمىنى تەبرىكلىگەن رامسفىلد، قوراللىق ئۇنسۇرلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنىڭ كامىللىقىنى ئىلگىرى سۈردى. رامسفىلد، شۇ كۈنى تىكرىت، كەربالا قاتارلىق جايلاردىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراق دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنىدىكى پارتلاشلار سەۋەبىدىن 50 كىشىنى قولغا ئالدى
- ئىراقتىكى بىر يۈرۈش پارتلاشلاردا 40 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى
- ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدە چەتئەل پۇقرالىرى ئۆلتۈرۈلدى
- "خىمىيىلىك ئەلى" ئۇرۇش جىنايەتچىلەر سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدۇ
- باغداتتىكى پارتلاشتا 13 كىشى قازا قىلدى
- ش ئا ئو ئە ت (NATO) ئىراقتىكى خادىملىرىنى كۆپەيتىشكە قوشۇلدى
- ئىراق پرېزىدېنتى سايلامنى كېچىكتۈرۈشنى رەت قىلدى
- باغداتتىكى پارتلاش ۋەقەلىرىدە 26 ئادەم ئۆلدى
- ئىراقتىكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن، سايلام ئۆتكۈزۈش قىيىنغا توختىشى مۇمكىن
- ئىراقتا يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا يەنە ئون كىشى ئۆلدى