ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراقتا يەنە 4 يىل تۇرۇشى مۇمكىن


2005.08.21

ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا قوشۇن تۇرغۇزۇش ۋاقتىنى يەنە 4 يىل ئۇزارتىشنى پىلانلىماقتا.

ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالى پېتېر شۇمېيكېر شەنبە كۈنى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا، ئۇلارنىڭ ئىراقتا تۇرىدىغان ئامېرىكا ئەسكەر سانىنى كەلگۈسى 4 يىلغىچە نۆۋەتتىكى 100 مىڭ كىشىلىك سەۋىيىدە ساقلاشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىراق ئۇرۇشىنى باشلىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش يېقىندا "بىز چوقۇم ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشىمىز" دەپ بىلدۈردى. ئەمما ئامېرىكىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسىدىن جورجىيا شىتاتىنىڭ سابىق كېڭەش پالا ئەزاسى مەكس كلىلاند، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش پىلانىنى "ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىغا ھازىر يا ئىراق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان بىر ئىستراتېگىيە، ياكى بولمىسا ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىش ئىستراتىگىيىسى كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت بۇش بولسا، ھازىر ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈش ھەققىدە ھېچقانداق ۋاقىت جەدۋىلىنىڭ يوقلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ ئامېرىكىنى ئاجىز كۆرسىتىدىغان سېگنال بېرىپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.