ئامېرىكىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى ئىراقتا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن

ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى شەنبە كۈنى ئىراقتا يوقاپ كەتكەن بىر تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ، قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئايرۇپىلاندىكى ئىككى نەپەر ئەسكەر قازا قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئاپاچى تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 يېرىملاردا ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان چېغىدا يوقاپ كەتكەن. ئامېرىكا قىسىملىرى ھازىر ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا.

ئۆزىنى راشىد ئارمىيىسى دەپ ئاتىۋالغان بىر قوراللىق گۇرۇپپا ئىنتېرنېتتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. لېكىن ھازىرغىچە بۇنىڭ راستلىقى تېخى ئېنىقلانمىغان.

ئامېرىكا ئىراقتا ئۇرۇش قوزغىغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراقتا جەمئىي 47 دانە تىك ئۇچار ئايرۇپىلانىنى يوقاتتى. بۇنىڭ ئارىسىدا ئاز دېگەندە 26 سى قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن. (پەرىدە)